خىتاي چىڭخەيدە تىبەت ئىبادەتخانىلىرىنىڭ ئانتېننا ۋە تېلېۋىزورلىرىنى يىغىۋالغان

خىتاي دائىرىلىرى چىڭخەينىڭ تىبەتلەر ئولتۇراقلاشقان خۇاڭنەن ۋىلايىتىدىكى تىبەت ئىبادەتخانىلىرىنىڭ تېلېۋىزور ۋە سۈنئىي ھەمراھ ئانتېننالىرىنى يىغىۋالغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئىلگىرى سۈرۈشىچە، دائىرىلەر ئىبادەتخانىلارنىڭ 3000 تېلېۋىزورىنى يىغىۋالغان، نۇرغۇن سۈنئىي ھەمراھ ئانتېنناسى «جۇڭگوغا قارشى» پروگراممىلار نى قويۇپ، تىبەتلەرنىڭ ئۆزىگە ئوت قويۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىق سەۋەبىدىن بۇزۇپ تاشلانغان.

خىتاي دائىرىلىرى يېقىندا تىبەتلەرنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈش ۋەقەلىرىگە قارشى تەدبىر ئالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، تېلېۋىزور ۋە ئانتېننالارنى يىغىۋېلىش ئۆزىنى كۆيدۈرۈشكە قارشى ئېلىنغان تەبىرلەرنىڭ بىر قىسمى بولۇشى مۇمكىن.

ھازىرغا قەدەر 90 نەچچە تىبەتلىك ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ، خىتاينىڭ تىبەت سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن. چىڭخەي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چىڭخەيدە ئۆزىنى كۆيدۈرۈش ۋەقەسى 5 قېتىم يۈز بەرگەن.

دالاي لاما ئۆزىنىڭ مۇستەقىللىق تەلەپ قىلمايدىغانلىقىنى داۋاملىق تەكىتلەپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى دالاي لامانى بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلەپ، ئۆزىگە ئوت قويۇش ۋەقەلىرىنى ئۇنىڭ ۋە سۈرگۈندىكى تىبەت تەشكىلاتلىرىنىڭ خەلقنى كۈشكۈرتۈپ پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى.

ئامېرىكا ۋە باشقا بىر قىسىم دۆلەتلەر ئىزچىل خىتاينى تىبەتتىكى باستۇرۇش سىياسىتىگە خاتىمە بېرىپ، دالاي لاما بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە چاقىرىپ كەلگەن. ئىككى تەرەپ يېقىنقى 10 يىل ئىچىدە 9 قېتىم سۆھبەت ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، بىراق ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن.