ئەنگىلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۈچ كۈنلۈك يىغىن جەريانىدا تىبەتنىڭ تارىخى، ئاپتونومىيىسى ۋە خىتاينىڭ دېموكراتىيىلىشىش قاتارلىق كۆپلىگەن مەسىلىلەر بويىچە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىپ، پىكىر ئورتاقلىقلىرى شەكىللەنگەن ھەمدە ئارىدىكى ئىختىلاپلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تەكلىپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، تىبەتلەر بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى دىئالوگنى ئىلگىرى سۈرۈش تەشەببۇس قىلىنغان.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، دالاي لاما تەشەببۇس قىلىۋاتقان ئالىي ئاپتونومىيە ھەمدە ئۇنىڭ مۇستەقىللىق بىلەن بولغان پەرقى، ئاپتونومىيىنىڭ مەنا ئۇقۇمى ۋە باشقىلار مۇنازىرە قىلىنغان. چۈنكى، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئىزچىل تۈردە دالاي لامانىڭ ئالىي ئاپتونومىيە تەلىپىنى رەت قىلىپ، ئۇنى مۇستەقىلچىلىك ۋە بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلەۋاتقان ئىدى. خىتاي زىيالىيلىرى بولسا، تىبەت مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشىنىڭ خىتاينىڭ دېموكراتىيلىشىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
يىغىن ئىشتىراكچىلىرى بۇ قېتىمقى تىبەت - خىتاي دىئالوگ يىغىنىنى يۇقىرى باھالاش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە پەقەت تىبەت بىلەن خىتاي خەلقلىرى ئارىسىدىكى ئاممىۋى دىئالوگلا مىللىي مەسىلىنى ھەل قىلالايدۇ، بۇ مىللىي مۇناسىۋەتلەرنى ياخشىلاشتىكى ئاساسلىق ئامىل، دېگەنگە ئوخشاش پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان.
تىبەت - خىتاي دىئالوگ يىغىنى دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرى بىلەن بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سۆھبەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، يىغىننىڭ مەقسىتى بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بىلەن تىبەتلەر ئارىسىدىكى ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كەتكەن سۆھبەتنىڭ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىش بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.