دالاي لاما ۋەكىللىرى 26 - يانۋار خىتاي دائىرىلىرى بىلەن يېڭىدىن سۆھبەت ئۆتكۈزمەكچى

تىبەتلەرنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرى 26 - يانۋار سەيشەنبە كۈنى خىتاي دائىرىلىرى بىلەن يېڭىدىن سۆھبەت ئۆتكۈزمەكچى.

مەلۇم بولۇشىچە، دالاي لامانىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى لودى گيارى ۋە كەلساڭ گيالتسەنلەر تىبەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ سۆھبەتكە قاتنىشىدىكەن. ھالبۇكى، بۇ نۆۋەتلىك سۆھبەتنىڭ قەيەردە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى تېخى ئاشكارىلانمىغان.

تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى تەنزىن تاكلھا مەزكۇر سۆھبەت ھەققىدە توختىلىپ: " بىز خىتايلار بىلەن ئۇچرىشىمىز. بۇ ئۆز - ئارا بىرلىككە كەلگەن ھەل قىلىش چارىسى تېپىشنىڭ مۇھىم قەدەم باسقۇچى" دېگەن. ئۇ يەنە، دالاي لامانىڭ تىبەت مەسىلىسىنى سۆھبەت بىلەن ھەل قىلىشتىن ئىبارەت مەيدانىنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئىلگىرى تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتى بىلەن خىتاي دائىرىلىرى ئارىسىدا 8 قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزۈلگەن، ئەمما ھازىرغىچە، ئۇلار پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلالمىغان ئىدى.

دالاي لاما تىبەتكە ئالىي ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى داۋاملىق تەكىتلەپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي دائىرىلىرى دالاي لامانىڭ تىبەتنى خىتايدىن ئايرىپ چىقىپ كېتىش مەقسىتى بارلىقىدا چىڭ تۇرۇپ كەلمەكتە ئىدى.

تىبەتلەرنىڭ روھىنى داھىيسى دالاي لاما، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوبامانىڭ تىبەت مەسىلىسىگە جىددىي قارىغانلىقى ۋە خىتاي دائىرىلىرى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتلەردە، مەيلى جامائەت ئالدىدا بولمىسۇن ۋە مەيلى پەردە ئارقىسىدا بولمىسۇن، ئۆزىنىڭ تىبەت مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى كەسكىن ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەنلىكىنى تەرىپلىگەن.