تىبەت تەشكىلاتلىرى خىتاينى 'تىبەت مەسىلىسىدە تارىخى مەسئۇلىيىتى بار' دەپ ئەيىبلىدى

ئۆتكەن ھەپتە ئېلىپ بېرىلغان خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن دالاي لاما ۋەكىللىرى ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەت نەتىجىسىز ئاياغلاشقاندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى دالاي لامانى "تىبەتكە مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىش ئىدىيىسىدىن ۋاز كەچمىدى، بۆلگۈنچىلىك خاھىشى ئېغىر" دەپ ئەيىبلىدى.

دالاي لاما ۋەكىللىكىدىكى تىبەت تەشكىلاتلىرى سۆھبەتنى خۇلاسىلەپ: "سۆھبەت خىتاي دائىرىلىرىنىڭ دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ئالداش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان بىر نەيرىڭى بولدى، ئەمەلىيەتتە بۇ قېتىملىق سۆھبەتتە تىبەت مەسىلىسىگە دائىر ھېچقانداق بىر ئەمەلىي مەسىلە ھەل قىلىنمىدى،" دېدى.

دالاي لامانىڭ دىنىي ئىشلار فوندىنىڭ مەسئۇلى داۋار سەيرېن ئامېرىكا ئاۋازى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا: "ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى تاشقى جەھەتتە خەلقئاراغا دالاي لاما ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈۋاتىمىز دەپ خەلقئارانى ئالدىسا، ئىچكى جەھەتتىن تىبەتتە باستۇرۇش سىياسىتى قوللىنىپ تىبەت خەلقىنىڭ ئەركىنلىكىنى بوغماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتتە يۈز بەرگەن بىر قاتار ئىشلارنىڭ تارىخى مەسئۇلىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك،" دېدى.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ھازىر تىبەت مەسىلىسى ھەم ئۇيغۇر مەسىلىسى خىتاينىڭ بېشىنى قاتۇرىۋاتقان مەسىلىلەر بولۇپ، بۇ ئىككى رايون دۇنيا جامائەتچىلىكى تەرىپىدىن "خىتايدىكى مەڭگۈ تىنجىماس رايونلار" دەپ تەرىپلەنمەكتە.