تىبەت ياشلىرى تەشكىلاتىنىڭ كۆز قارىشى ئۇچۇر ۋاستىلىرىنى جەلىپ قىلماقتا

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، مۇھاجىرەتتىكى تىبەت ھۆكۈمىتى تۇرۇۋاتقان دارامسالادا، ھۆكۈمەتكە بېقىنمايدىغان بىر ئاممىۋىي تەشكىلات بار، ئۇنىڭ نامى 'تىبەت ياشلىرى تەشكىلاتى.'

ئۇنىڭ نىزامنامىسىدا 'دالاي لامانىڭ رەھبەرلىكىدە ۋەتەن ۋە خەلق ئالدىدا ئۆز بۇرچىمىزنى ئاقلايمىز ۋە تىبەتنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن جېنىمىز پىدا ' دەپ يېزىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ تەشكىلاتنى دالاي گۇرۇھىنىڭ بىر قىسمى، خۇددى ئەل قائىدىچىلەر ۋە چېچەنچىلەردەك تېررورچىلار دەپ جاكارلاپ كېلىۋاتىدۇ.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، تىبەت ياشلىرى تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جۇدورجى ۋە تەشكىلات باياناتچىسى دېنزىن يادوڭلار يېقىندا يەنە 'دالاي لامانىڭ ئوتتۇرىچە يول سىياسىتىگە قوشۇلمايمىز، بۇ سىياسەتنىڭ ئاقمايدىغانلىقى 50 يىلدىن بۇيان خىتاي بىلەن ئېلىپ بارغان 8 قېتىملىق سۆھبەت ئارقىلىق ئىسپاتلاندى' دەپ جاكارلىغان.

دالاي لامانىڭ كاتىبى سەيجا بۇ ھەقتە ئىزاھات بېرىپ ' بىزنىڭ ياشلىرىمىز مۇستەقىللىق شوئارىنى توۋلاۋاتىدۇ، بەلكىم ئۇلار دالاي لامانىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدىكى تىبەت رايونلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن تىبەت تېررىتورىيىسىدە تۇلۇق ئاپتونومىيىنى ئىشقا ئاشۇرۇش سىياسىتى بىلەن مۇستەقىللىقنىڭ پەرقىنى تېخىچە چۈشەنمەيۋاتسا كېرەك' دېگەن.