بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىل 37 ياشقا كىرگەن دورجې تاشى ئىسىملىك بۇ كىشى تىبەتتىكى داڭلىق بايلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ گەنسۇدا ئۆسۈپ يېتىلگەن، كېيىن ئۇ ئىگىلىك تىكلەپ تىبەتتىكى رېستوران، كۆڭۈل ئېچىش، ساياھەت، مېھمانخانا ۋە ئۆي - مۈلۈك ساھەلىرىدە تىجارەت قىلىدىغان چوڭ بايلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان. ئۇ ئىلگىرى كۆپ قېتىم خىتاي كومپارتىيىسى تەرىپىدىن "مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر ياش" بولۇپ باھالىنىپ، رادىئو - تېلىۋىزىيىلەردە تونۇشتۇرۇلغان ئىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، ئۇ يەنە تىبەت خەلق ھۆكۈمىتى تور بېتىدە "قارلىق چوققىدىكى قەھرىمان بۈركۈت" دەپ تەرىپلەنگەن ئىكەن. ئەمما ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مۇخبىر بۈگۈن ئۇ ماقالىنى ئىزدىگىنىدە، ئۇنىڭ ئۆچۈرۈۋېتىلگەنلىكىنى بايقىغان.
ھىندىستاندىكى تىبەت كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە مەركىزىنىڭ باشلىقى ئېرجىن تېنزىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، دورجى تاشى 2008 - يىلى 3 - ئايدا لخاسادا يۈز بەرگەن ۋەقەدىن نەچچە ئاي كېيىن خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ كەتكەن ۋە بۇ يىل 6 - ئاينىڭ 26 - كۈنى ئۇنىڭغا ئۈچ كۈنلۈك يېپىق سوت ئېچىلغان. سوتتا ئۇنىڭغا "چەتئەلدىكى سۈرگۈندىكى ھۆكۈمەتكە ياردەم بېرىش" دەيدىغان جىنايەت بېكىتىلىپ ئۆمۈرلۈك قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان.
كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تىبەت ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى روببىي بارنېت بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا قىلغان سۆزىدە " بۇ كىشىنىڭ تىبەتتە ھۆرمەتكە سازاۋەر بىرى ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئۇنىڭ چەتئەلدىكى تەشكىلاتلار بىلەن ئالاقىسىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بولسا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېقىندىن بۇيان تىبەتتە كۆزگە كۆرۈنگەن كىشىلەرنى كۆپلەپ قولغا ئېلىۋاتقانلىقىنى، قابىلىيەتلىك كىشىلەر ئۈستىدىكى بېسىمنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق، تىبەتنى باشقۇرۇش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.