تىبەت كىنو رېجىسسورى 6 يىللىق قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلىندى
بۇ يىل 35 ياشقا كىرگەن دىخۇندۇپ 2008 - يىلى 3 - ئايدا قولغا ئېلىنغان بولۇپ، ئۇ ئۆزى ئىشلىگەن "ۋەھىمىدىن يىراقلىشىش" ئىسىملىك ھۆججەتلىك فىلىمىدە تىبەتتىكى خەلقنىڭ سۈرگۈندىكى روھانىي داھىيسى دالاي لاماغا بولغان ساداقىتى ۋە بېيجىڭ ئولىمپىكىگە بولغان كۆز قارىشىنى ئىپادىلىگەن.
رېجىسسور دىخوندۇپ ۋاڭچېن فىلىمىدە: "خىتايلار، بىز تىبەتتە نۇرغۇن تەرەققىياتلارنى بەرپا قىلدۇق، دەيدۇ، ئەمما بىز ئۇنىڭ بىرىنىمۇ كۆرمىدۇق. بۇ يەردىكى ھەقىقەت شۇكى، تىبەتلەر ئۆزىنىڭ تارتىۋاتقان دەردىنى سۆزلەش ئەركىنلىكىگە ئىگە ئەمەس،" دېگەن.
گەرچە دىخوندۇپ ۋاڭچېن قولغا ئېلىنغىلى بىر يىلدەك بوپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي دائىرىلىرى ئۇنىڭ سوتلىنىش ئەھۋالىنى يوشۇرۇن ئۇتۇپ كەلگەن ئىكەن. چارشەنبە كۈنى خىتاي دائىرىلىرى ئۇنىڭ تۇغقانلىرىغا دىخوندۇپنىڭ 6 يىللىق كېسىلگەنلىكىنى ئېيتقان ئەمما ئۇلارنىڭ قولىغا ھېچقانداق رەسمىي ئۇقتۇرۇش بەرمىگەن.
دۇخۇندۇپ ۋاڭچېن قولغا ئېلىنغان مەزگىل تىبەتتە 2008 - يىلى 3 - ئايدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرى مەيدانغا كېلىشتىن ئازراقلا بۇرۇنغا توغرا كەلگەن. چەتئەللەردە ياشاۋاتقان تىبەت گۇرۇپپىلىرى بولسا "خىتاي ھۆكۈمىتى ئولىمپىك مەزگىلىدە جىم تۇرۇۋېلىپ، ئولىمپىك ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن جازا ھۆكۈم قىلدى"، دەپ ئەيىبلىگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، دۇخۇندۇپنىڭ بۇ فىلىمى ئۇنىڭ شىۋىتسارىيىدىكى نەۋرە تۇغقىنى تەرىپىدىن تەھرىرلەنگەن بولۇپ، فىلىم تىبەتتە تارتىلىپ بولغاندىن كېيىنلا چەتئەلگە ئەۋەتىلگەن ئىكەن.