خىتاي تىبەتچە يازمىلارنى كوپى قىلىشقا چەكلىمە قويدى

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ لخاسادىكى جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى بۈگۈن، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، تىبەتچە ھۆججەت، كىتاب ياكى فوتو سۈرەتلەرنى كوپى قىلىش توغرىسىدا جايلاردىكى كوپى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دوكانلارغا قويۇلغان قاتتىق چەكلىمە ئەمدى ئىجرا قىلىنىشقا باشلايدۇ، دەپ جاكارلىغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010.05.19

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ تىبەتتىكى كوپى دۇكانلىرى تىبەتچە ھۆججەت، كىتاب، ۋاراقچە ياكى فوتو سۈرەتلەرنى كوپى قىلىشنى رەت قىلىشقا باشلىغان. شۇنداقلا، خىتاينىڭ ساقچى تارماقلىرى ھازىر كوپى دۇكانلىرىغا ۋە تىبەتچە پۈتۈكچىلەرگە ئۆزىنى تىزىمغا ئالدۇرۇپ رۇخسەتنامە ئېلىش ھەققىدە بۇيرۇق چىقارغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.