تىبەتتە يەنە 18 ياشلىق بىر راھىب ئۆزىگە ئوت قويۇپ ئۆلدى

سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ تىبەتلەر ئولتۇراقلاشقان ئابا ناھىيىسىدىكى يەنە بىر تىبەت راھىب تۈنۈگۈن يەنى يەكشەنبە كۈنى ئۆزىگە ئوت قويغان.

ئەنگلىيىدىكى خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۆزىگە ئوت قويغان ياش، بۇ يىل 18 ياش بولۇپ، ئۇ ئۆزىگە ئوت قويغاندىن كېيىن نەق مەيداندا ئۆلگەن.

ناڭدرول ئىسىملىك بۇ ياش تىبەتلىكلەر ئۆزىگە ئوت قويۇۋېلىش شەكلىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ھەرىكەت باشلىغاندىن بۇيان ئۆزىگە ئوت قويۇۋالغان 24-تىبەت راھىپتۇر. رويتىرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر تىبەت ياشنىڭ جەسىتى رايوندىكى بىر بۇتخانىدا ساقلانماقتا.

خىتاي ساقچىلىرى بۇتخانىدىكى راھىبلاردىن جەسەتنى تەلەپ قىلغان. راھىبلار جەسەتنى ساقچىلارغا بېرىشنى رەت قىلغان. يەنە رويتىرسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە 1000 دىن ئارتۇق تىبەتلەر، بۇتخانىغا توپلىشىپ، جەسەتنى ساقچىلاردىن قوغدىماقتا.

خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ ئۆتكەن ھەپتە تىبەتلەرنىڭ ئۆزىگە ئوت قويۇۋېلىش ھەرىكىتىنى، ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىغا خەۋپ يەتكۈزىدىغان رادىكال قىلمىشى دەپ ئەيىبلىگەن ھەم بۇنى چەتئەلدىكى بۆلگۈنچىلەر قۇترىتىۋاتىدۇ دېگەن ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە، ئۆزىگە ئوت قويۇۋالغان راھىبلار ئوت قويۇشنىڭ ئالدىدا تىبەتنىڭ ئازادلىقى ۋە دالاي لامانىڭ قايتىپ كېلىشىنى تەلەپ قىلىپ شوئار توۋلىغان.