كېنىيىلىك نەچچە يۈزلىگەن تىجارەتچى نامايىش قىلىپ خىتاي پۇقرالىرىنىڭ كېنىيىدە تىجارەت قىلىشىغا قارشىلىق كۆرسەتتى

پەيشەنبە كۈنى كېنىيە پايتەختى نايروبىدا نەچچە يۈزلىگەن تىجارەتچى نامايىش ئۆتكۈزۈپ، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ كېنىيىدە تىجارەت قىلىشىغا قارشىلىق بىلدۈرگەن.

خىتايچە ب ب س نىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، نامايىشچىلار قوللىرىدا «خىتاي پۇقرالىرى كېنىيىدىن يوقالسۇن» دېگەن لوزۇنكىلارنى كۆتۈرگەن ۋە شوئارلارنى توۋلىغان. مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتاي شىركەتلىرى ئافرىقا دۆلەتلىرىگە سىڭىپ كىرىپ، ئۇ يەردە كۆپلىگەن ئاققۇن خىتايلارنىڭ يامرىشىغا سەۋەب بولغان.

خىتاي ئاققۇنلىرى بۇ دۆلەتلەرگە ئىشچى ياكى ساياھەتچى نامىدا بېرىۋالغاندىن كېيىن كوچىلاردا يايما ئېچىپ، خىتاي ماللىرىنى تۆكمە قىلىپ سېتىپ، يەرلىك تىجارەتچىلەرنىڭ سودىسىغا تەسىر كۆرسەتكەن.

رويتىرىس مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر نەپەر كېنىيىلىك تىجارەتچى خىتايلارنىڭ كېنىيىدە باج تۆلىمەي ۋە ئىجارە تۆلىمەي تىجارەت قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن يەرلىك تىجارەتچىلەر بىلەن خىتاي تىجارەتچىلەر ئارىسىدا ئادالەتسىز رىقابەت شەكىللەنگەنلىكىنى بايان قىلغان. نامايىشچىلار يەنە خىتايلارنى كېنىيىدىن چىقىرىۋېتىشنى تەلەپ قىلغان بىر مەكتۇپنى باش مىنىستىر خىزمەت ئورنىدىكىلەرگە تاپشۇرغان.

كېنىيىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى بۇ نامايىشقا ئىنكاس قايتۇرۇپ، كېنىيىدە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ قانۇنلۇق تىجارەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن؛ ئەمما كېنىيە ھۆكۈمىتى بۇ نامايىش ۋە خىتاينىڭ ئىنكاسىغا قارىتا تېخى ئاشكارا ئىپادە بىلدۈرمىگەن.