خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدىن شەرقىي قىسمىغا توك يۆتكىمەكچى

خىتاي مۇناسىۋەتلىك دائىرىلىرى خىتاينىڭ شەرقىي قىسمىدا يۈز بېرىۋاتقان ئېنېرگىيە كرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئېلىدىن توك يۆتكەشنى پىلانلىغان ۋە يۇقىرى بېسىملىق توك لىنىيىسى قۇرۇلۇشىنى باشلىغان

ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ تور بېتى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ۋە ئېنېرگىيە ئىدارىسى بىرلىشىپ بۇ ھەقتە مەخسۇس ھۆججەت چۈشۈرگەن.

(دۆلەت ئېنېرگىيە ۋە ئېلېكتر ئېنېرگىيە [2011]161-نومۇر) لۇق بۇ ھۆججەت 24-ماي ئىككىنچى قېتىملىق «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمەت يىغىنى» جەريانىدا بېكىتىلگەن.

بۇ نۆۋەت ئۇيغۇر ئېلىدىن خىتايغا يەتكۈزۈلىدىغان يۇقىرى بېسىملىق توك لىنىيىسىنىڭ بېسىمى 800 كىلوۋاتلىق بولۇپ، قۇمۇلدىن خىتاينىڭ جېڭجۇ شەھىرىگە تۇتاشتۇرۇلىدىكەن.

خىتاي دائىرىلىرى بۇ لىنىيە قۇرۇلۇشىنىڭ بۇ يىل باشلىنىدىغانلىقى ھەمدە، 1 مىڭ 100 كىلوۋاتلىق يەنە بىر يۇقىرى بېسىملىق توك لىنىيىسى قۇرۇلۇشنىڭ 2012-يىلى باشلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئىككىنچى توك لىنىيىسى جۇڭغار ئويمانلىقىدىن باشلىنىپ، خىتاينىڭ چۇڭچىڭ شەھىرىگە تۇتاشتۇرۇلىدىكەن.

ئالدىنقى ھەپتە بىر قىسىم خەلقئارا خەۋەرلەردە خىتاينىڭ جۇجاڭ دەريا دېلتىسىدىكى سانائەت بازىلىرىدا توك توختاپ قېلىش ھادىسىلىرى كېلىپ چىققانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.

خىتاي بۇ نۆۋەتلىك توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىغا «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يۆتكەش» دەپ نام بەرگەن.