خىتايدىن چىقىدىغان «پولات ئۆي» ناملىق توردا كۆرسىتىشىچە، ئۈرۈمچى 1 - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر زاۋۇتى خەلقئارالىق سودا شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى چېن شياڭ : رايوندىكى رۇدا زاپىسى كەمچىللىك مەسىلىسىدىن ساقلانغىنى بولمايدۇ، دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە بايقالغان تۆمۈر رۇدىسى زاپىسى 1مىليارد 190 مىليون توننا ئەتراپىدا بولۇپ، تۆمۈر رۇدا كەمچىلىكى ئۇيغۇر ئېلىدە يەرلىشىۋاتقان پولات زاۋۇتلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ئېشىشقا باشلىغان.
خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، خىتايدىكى چوڭ پولا زاۋۇتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئۇيغۇر ئېلىدە ھەرخىل قۇرۇلۇشلارنى ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، نۆۋەتتە بۇ قۇرۇلۇشلارنىڭ يىللىق ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 60 مىليون توننىغا يېتىدىكەن.
خىتاينىڭ غەربنى ئېچىش سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئۇيغۇر ئېلىدىكى نېفىت تەبىئىي گاز، تۆمۈر ۋە باشقا تەبىئىي بايلىقلارنى ئېچىلىش قەدىمىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇلغان ئىدى.