خىتاينىڭ تۆمۈريول مىنىستىرى پارىخورلۇق سەۋەبىدىن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى

خىتاي كومپارتىيىسى بۈگۈن يەنى دۈشەنبە كۈنى خىتاي تۆمۈريول مىنىستىرى ليۇ جىمىننى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئۇقتۇرۇشتا، ليۇ جىمىننىڭ خىتايدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول قۇرۇلۇشى داۋامىدا پارىخورلۇق قىلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2012-05-28
Share

ليۇ جىمىننىڭ خىيانەتچىلىك قىلمىشى، بۇلتۇر خىتاينىڭ ۋېنجۇ شەھىرىدە يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن پاش بولغان.

ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇ مەزكۇر قۇرۇلۇش داۋامىدا تۆمۈريول مىنىستىرلىقىدىكى يۈكسەك ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ بەزى كىشىلەرگە زور مەنپەئەت قازىنىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەن ۋە بۇنىڭ بەدىلىگە قارشى تەرەپتىن زور مىقداردا پارا ئالغان.

پويىز سوقۇلۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى پويىزنىڭ سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش، قۇرۇلۇشقا سېلىۋاتقان مەبلەغنى قىسقارتىپ، ۋەقەدە ئۆلگۈچىلەرگە تۆلەم پۇلى ئايرىش ۋە تۆمۈريول مىنىستىرىنى خىزمىتىدىن توختىتىپ تەكشۈرۈش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ئاممىنىڭ نارازىلىقىنى پەسەيتكەن ئىدى.

خىتاي كومپارتىيىسى ليۇ جىمىن خىزمىتىدىن توختىلىپ بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى. ئەمما كۆزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ خىيانەتچىلىك مەسىلىسىنى ئايرىم شەخسلەرنى جازالاش ئارقىلىق تۈزىتەلمەيدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن خىتايدا سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت