ليۇ جىمىننىڭ خىيانەتچىلىك قىلمىشى، بۇلتۇر خىتاينىڭ ۋېنجۇ شەھىرىدە يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن پاش بولغان.
ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇ مەزكۇر قۇرۇلۇش داۋامىدا تۆمۈريول مىنىستىرلىقىدىكى يۈكسەك ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ بەزى كىشىلەرگە زور مەنپەئەت قازىنىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەن ۋە بۇنىڭ بەدىلىگە قارشى تەرەپتىن زور مىقداردا پارا ئالغان.
پويىز سوقۇلۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى پويىزنىڭ سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش، قۇرۇلۇشقا سېلىۋاتقان مەبلەغنى قىسقارتىپ، ۋەقەدە ئۆلگۈچىلەرگە تۆلەم پۇلى ئايرىش ۋە تۆمۈريول مىنىستىرىنى خىزمىتىدىن توختىتىپ تەكشۈرۈش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ئاممىنىڭ نارازىلىقىنى پەسەيتكەن ئىدى.
خىتاي كومپارتىيىسى ليۇ جىمىن خىزمىتىدىن توختىلىپ بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى. ئەمما كۆزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ خىيانەتچىلىك مەسىلىسىنى ئايرىم شەخسلەرنى جازالاش ئارقىلىق تۈزىتەلمەيدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن خىتايدا سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.