خىتاينىڭ ئۈرۈمچىدىكى يەر ئۆلچەش ئىدارىسىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشنىڭ دەرىجىسى 5.3 بال، 7 مىنۇتتىن كېيىن يەنە سارقىندى يەر تەۋرەش يۈز بەرگەن.
بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۈگۈن خىتايدىن كېلىدىغان پويىزلار بىر نەچچە سائەت كېچىككەن. داۋانچىڭدا تاغدىن تاش دومىلاپ قاتناش توسۇلۇش ۋەقەسى كېلىپ چىققان.
ئۈرۈمچى ئاھالىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، 160 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى توقسۇندا يۈز بەردى دېيىلگەن يەر تەۋرەش ئۈرۈمچىلىكلەرنىمۇ چۈچۈتۈۋەتكەن. ئىمتىھان مەيدانىغا كىرىپ بولغان ئوقۇغۇچىلار پاتىپاراق بولۇشقان.