ئۆتكەن ھەپتە خىتاي دائىرىلىرى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، بو شىلەي ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغاندىن كېيىنكى خىتاي ۋەزىيىتى ھەققىدە ئۇچۇر تارقاتقان 16 تور بېكىتىنى تاقاپ، 6 كىشىنى تۇتقۇن قىلغان ئىدى.
رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 3-ئايدا بېيجىڭدا خىتاينىڭ خەلق قۇرۇلتىيى ۋە سىياسىي كېڭەش يىغىنى ئېچىلغان مەزگىلدە، بېيجىڭ دائىرىلىرى قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئالغاندىن باشقا، بېيجىڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنى نەزەربەند قىلىپ، ئۇلارنىڭ شەخسىي تور بېكەتلىرىنى تاقىغان.
رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىل 3-ئايدىن باشلاپ تور بەتلىرىدە تازىلاش ئېلىپ بېرىپ، جەمئىي 210 مىڭ ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلغان. خىتاي ئۆلكىلىرىدىن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان پۇقرالارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار توردىن يېقىندىن بۇيان خىتايدا بىر قەدەر سەزگۈر بولغان ۋەقە ھەم شەخسلەرگە ئائىت ئۇچۇرلارنى ئىزدىمەكچى بولغىنىدا كومپيۇتېردىن ئاپتوماتىك ھالدا«خاتا مەشغۇلات» ياكى «چەكلەنگەن سۆز» دېگەندەك ئۇچۇر قايتىدىكەن.