«ئىمزاسىز» توربۇزارلار خىتاي ھۆكۈمەت تورلىرىغا يەنە ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

ئۆزلىرىنى «ئىمزاسىز» دەپ ئاتىغان بىر توربۇزارلار گۇرۇپپىسى ئۆتكەن ھەپتە خىتاينىڭ چېڭدۇ قاتارلىق شەھەرلىرىدىكى بىر تۈركۈم ھۆكۈمەت تورلىرىغا ھۇجۇم قىلغان ئىدى.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2012.04.09

بۈگۈن مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ بىر ئەزاسى رويترىس ئاگېنتلىقىغا سۆز قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تورلىرىغا يەنە داۋاملىق ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ سۆزىدە ھۇجۇمنىڭ مەقسىتىنى خىتايدىكى چىرىكلىكنى پاش قىلىش ۋە كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش دەپ كۆرسەتكەن.

نەچچە ۋاقىتتىن بېرى، بىر قىسىم خىتاي توربۇزارلار خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە شىركەتلەرنىڭ توربەتلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ مەزكۇر ئورۇنلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە توسقۇنلۇق قىلىپ كەلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھۇجۇملار بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى، ھەتتا ئۆزلىرىنىڭمۇ توربۇزارلارنىڭ قۇربانى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بۈگۈن رويترىسقا پىكىر بايان قىلغان ئىمزاسىز توربۇزارلار گۇرۇپپىسى ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقەت ۋە ئادالەت ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى، ئاخىرقى ھېسابتا خىتاينىڭ تور توسۇقلىرىنى بىتچىت قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.