رادىئومىز بۇ ھەقتە ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىنى توردا كۆچۈرۈپ تارقىتىش پائالىيىتىگە نەچچە ئون مىڭلىغان تورداشلار قاتناشقان. تورداشلار يازغان ئىنكاسلىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئىلگىرى ئۆزى قول قويغان «خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسى» دىكى نىزاملارغا رىئايە قىلىپ، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۇچۇر ھەم پىكىر ئەركىنلىكىنى چەكلىمەسلىككە چاقىرغان.
خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بۇ ئەھۋالغا قارىتا تەدبىر قوللىنىپ، تور بەتلىرىدە داۋاملىشىۋاتقان «خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسى» نى كۆچۈرۈپ تارقىتىش پائالىيىتىنى چەكلەشكە باشلىغان.
خىتايدىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تور بېكىتى شىنلاڭ تور بېكىتى 28-ماي كۈنى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، تور بېكىتىنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، مەخسۇس تور باشقۇرغۇچىلىرىنى تەيىنلەپ، توردىكى سەزگۈر تېمىلاردىكى يوللانمىلارنى بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان خىتاي پۇقرالىرىمۇ ئىككى كۈندىن بۇيان، خىتاي تور بېكەتلىرىدە «كىشىلىك ھوقۇق»، «ئىنسان ھەقلىرى» دېگەن سۆزلەرنىڭ توسۇۋېتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
