خىتاي دۆلەتلىك رادىئو كىنو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى، تۈنۈگۈن بۇ قارارنى ئېلان قىلغاندا چۈشەنچە بېرىپ، خىتاي مەدەنىيەت بازارلىرىدىكى بىر قىسىم سەۋىيىسى تۆۋەن، مەزمۇنى ساغلام بولمىغان تور فىلىملىرىگە قارىتا چەكلىمە قويۇپ، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ روھى ساغلاملىقىنى قوغداش ئۈچۈن بۇ قارارنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ توردىكى فىلىملەرگە قويغان چەكلىمىلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن تور ئابونتلىرى بولسا، بۇ قارارنىڭ خىتايدا ئەزەلدىن چەكلىنىپ كېلىۋاتقان پۇقرالارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، دائىرىلىرىنىڭ بۇ قارارىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ئۆتكەن ھەپتە 5-ئىيۇل پەيشەنبە كۈنى جەنۋەدە ئېلان قىلغان خەلقئارا ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى قارارىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.