خىتاي تورغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىدە قولى بارلىقىنى رەت قىلدى

خىتاي ھۆكۈمەت ئاخبارات ۋاسىتىلىرى جۈمە كۈنى ئامېرىكا تور بىخەتەرلىك شىركىتى ئېلان قىلغان دوكلاتتىكى تور جاسۇسلۇق ۋەقەلىرىدە خىتاينىڭ قولى بارلىقىغا دائىر قاراشنى رەت قىلدى.

ئامېرىكا McAfee تور بىخەتەرلىك شىركىتى دوكلات ئېلان قىلىپ، يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان يۈز بەرگەن كەڭ كۆلەملىك تور ھۇجۇملىرىنىڭ پەقەت بىر نۇقتىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان. دوكلاتتا تور ھۇجۇمى ئېلىپ بارغان دۆلەتنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، بىراق ئانالىزچىلار بىردەك بۇنىڭ خىتاي ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ «خەلق» گېزىتى جۈمە كۈنى دوكلاتنى تەنقىدلەپ، «تور بۇزارلارنى خىتاي بىلەن ئالاقىدار قىلىپ كۆرسىتىش مەسئۇلىيەتسىزلىك» دېگەن ۋە بۇنىڭ «پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغانلىقىنى» نى ئىلگىرى سۈرگەن.

McAfee دوكلاتتا، تور بۇزارلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ئورگان ۋە شىركەتلەر ئىچىدە ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، ب د ت، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ۋە ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىش بېرىدىغان ھۆددىگەر شىركەتلەرنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خىتاينىڭ «خەلق» گېزىتى ئارقىلىق ئامېرىكا تور بىخەتەرلىك دوكلاتىغا قايتۇرغان تۇنجى ئىنكاسى. بىراق، بۇ خىتاينىڭ تۇنجى قېتىم تور بۇزارلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىشى ئەمەس. بۇ يىل 6‏-ئايدا Google شىركىتى خىتاي تور بۇزارلىرىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، ھەربىي خادىملىرى، مۇخبىرلار ۋە خىتاي سىياسىي ئۆكتىچىلىرىنىڭ Gmail خەت ساندۇقىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.