ئۇ، ئىجتىمائىي ئالاقە-ئۇچۇر تورى-«تۋىتېر» گە يوللىغان ئۇچۇرىدا «خىتايلار بىزگە تېخىچە تور بۇزغۇنچىلىقى سېلىۋاتىدۇ، بۇ خىل ھۇجۇملار بۇ ھەپتە ئاخىرىمۇ كۆرۈلدى» دېدى.
«ۋال سترىت ژۇرنال گېزىتى» دە ئۆتكەن ھەپتە خىتاينىڭ ئامېرىكا مۇخبىرلىرىغا قاراتقان ئىشپىيونلۇق ھەرىكەتلىرى پاش قىلىنغاندىن كېيىن، گېزىت تورى ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. كېيىن ھۇجۇمنىڭ خىتايدىن كەلگەنلىكى كۆرسىتىلگەن.
«نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋنىڭ مۈلكىنى پاش قىلغاندىن كېيىن، بۇ خىلدىكى ھۇجۇملار «نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» گىمۇ قىلىنغان.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ھەپتە خىتاينى تور ھۇجۇمى جەھەتتە ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.