ئۇلارنى قېچىپ، يوشۇرۇنۇپ يۈرگەن جىنايەتچىلەر دەپ ئاتىغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ساقچى دائىرىلىرى يېقىنقى بىرنەچچە كۈن ئىچىدە ئېلىپ بارغان «تور تازىلاش» دەپ نام قويۇلغان ھەرىكەتتە، «جىنايەتچى» دەپ ئاتىغان ئادەملەرنى كۆرسىتىپ، تۇتۇپ بەرگۈچىلەرگە 10 مىڭ يۈەنگە قەدەر مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
پاكىتلارغا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىككى يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلارنى قانۇنسىز تۇتقىن قىلىش ۋە جازالاشنى ئوخشىمىغان جىنايەت ناملىرىنى قوللىنىپ داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ مۇستەملىكە سىياسىتىگە قارشى تۇرغان ئۇيغۇرلارنى، خىتاي كۆچمەنلىرى كۆرسىتىپ، تۇتۇپ بېرىپ مۇكاپات ئېلىۋاتىدۇ.