توردىن قاچقان ناتسىست دېندىمجانجۇك ئامېرىكىدا قولغا ئېلىندى

ناتسىست گېرمانىيىسى پولشانى بېسىۋالغاندا تۇتقۇنلار لاگېرىدا 29 مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈرۈشكە ياردەم قىلغان ئەينى ۋاقىتتىكى تۈرمە ژاندارمىسى، 1952 ‏ - يىلى ئامېرىكىغا كۆچمەن سۈپىتىدە كەلگەندىن بۇيان ئۆزىنى يوشۇرۇپ يۈرگەن 89 ياشلىق دېندىمجانجۇك يېقىندا ئامېرىكىدا قولغا ئېلىندى.

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇ، ئۆز يۇرتى ئۇكرائىنىيىدىن ناتسىست گېرمانىيىسى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەندىن كېيىن ئەسىر قاتارىدا مۇئامىلە قىلىنغان دەپ تارىخ توقىغان ئىكەن.

ئا ب س نىڭ بايان قىلىنىشىچە، ئامېرىكىدا پاش قىلىنغان ناتسىست دېندىمجانجۇك دېلوسى يالغۇز دېلو ئەمەس، ناتسىست گېرمانىيىسى 1941 ‏ - يىلى لاتۋىيىنى بېسىۋالغاندا 47 مىڭ 326 ئەر، 55 مىڭ 556 ئايال ۋە 34مىڭ 464 ئۆسمۈر قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغان بولۇپ، گېرمانىيىنىڭ تەكشۈرگۈچى خادىمى كولونېل كارل جەگېرمۇ يېقىندا شۇ قىرغىنچىلىقتا ناتسىستلارغا ياردەملەشكەن بىر نەچچە جىنايەتچىنىڭ ئۈستىدە سوتقا شىكايەت سۇندى.

دۇنيادا خەلقنى قىرغان ياكى قىرغىنچىلىققا ياردەملەشكەن جىنايەتچىلەرنىڭ ھېچقايسى جازادىن قۇتۇلۇپ كېتەلمەيدۇ.