خىتاي ھەربىي قىسىملىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا "تۆتنى تونۇش" تەربىيىسى ئېلىپ بارغان

خىتاي ھەربىي قىسىملىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا " تۆتنى تونۇش" ئىدىيىسى تەربىيىسى ئېلىپ بارغان ۋە بۇنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى تەكشۈرگەن. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ خىلدىكى ھەرىكەتلەر غۇلجا ۋە ئۈرۈمچى شەرھلىرىدە 23، 24 - ئىيۇل ئېلىپ بېرىلغان. ھەرىكەتنى ئۇيغۇر ئېلىدە تۇرۇشلۇق قوراللىق ساقچى 8660 - قىسمى ئېلىپ بارغان. تەربىيە، ئائىلىلەرگە كىرىپ سۆھبەتلىشىش، " تۆتنى تونۇش" مەزمۇن قىلىنغان كالېندارلارنى تارقىتىش ۋە نامراتلارغا ھال سوراش بۇيۇملىرى بېرىش شەكلىدە ئېلىپ بېرىلغان.

"تۆتنى تونۇش" ئىدىيىسى تەلىم - تەربىيىسى ئۇيغۇر ئېلىدە يېقىندىن باشلاپ بىر قەدەر كۈچەيتىلگەن بولۇپ، بۇلار "ۋەتەننى تونۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنى تونۇش، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى تونۇش ۋە جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزمنى تونۇش" نى ئوز ئىچىگە ئالىدۇ.

كۆزەتچىلەر مەزكۇر تەربىيىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە كۈچەيتىلىشى ئۇيغۇرلارنى خىتاي كىملىكىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلاشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكەن ئىدى.