بۇ كىتابچە ئەمەلىيەتتە ئاپتورنىڭ ئۇزۇن يىللىق تەتقىقات ۋە تەكشۈرۈش نەتىجىسى بولۇپ، ئۇنىڭدا تۈركىيە بىلەن خىتاينىڭ ئازغىنا كەم يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق مۇساپە جەريانىدىكى دىپلوماتىيىلىك مۇناسىۋەتلىرى، 1949 - يىلىدىن كېيىن، ئۇيغۇر رەھبەرلىرى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ۋە ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن باشچىلىقىدىكى بىر تۈركۈم ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى تۈركىيىگە كېلىپ يەرلەشكەندىن بۇيان باشلانغان تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان داۋاسى ھەرىكىتى، ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەرلىكى، بولۇپمۇ، 90 - يىللاردىن ئېتىبارەن ئەۋجى ئالغان ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەتلىرى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتلار بېرىلگەن ھەم ئانالىز يۈرگۈزۈلگەن.
پروفېسسور يىتساك شىخۇر ئەپەندى يەنە تۈركىيىنىڭ ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى ھاكىمىيەتكە كەلگەندىن كېيىنكى تۈركىيە - خىتاي سودا - ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرى ھەمدە بۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدىمۇ كۆپ توختالغان بولۇپ، بۇ ھەقتە ئۆزىگە خاس بولغان بىر قاتار كۆز قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويغان.