تۈركىيە پرېزىدېنتى ئابدۇللاھ گۈل ئېچىلىش نۇتقى قىلىپ، قېرىنداش دۆلەت رەھبەرلىرىنى كۈتۈۋالغانلىقىدىن ئىنتايىن خوشال بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيىنىڭ "زامان" ۋە "ساباھ" گېزىتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىيە پرېزىدېنتى ئابدۇللاھ گۈل سۆزىدە يىغىننىڭ ئەھمىيىتىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، "قېرىنداش خەلق ۋە دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئورتاق تىل، دىن، تارىخ، مەدەنىيەت ۋە ئورتاق قىممەتلەرگە تايانغان مۇناسىۋىتىمىز ئىنتايىن كۈچلۈكتۇر. بۇنداق بىر ھۇل ئۈستىگە قۇرۇلغان مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەرەققىي قىلدۇرۇش مەسىلىسى بىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم كۈن تەرتىپىمىز" دېدى.
ئابدۇللاھ گۈل سۆزىدە يەنە، ئوخشاش بىر مىللەتكە تەۋە بولغانلىقتىن پەخىرلىنىدىغان خەلقلەر ئارىسىدىكى ئەبەدىي قېرىنداشلىق مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئەمەلىي نەتىجىلىرىنى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
15 - 16 سېنتەبىر كۈنلىرىدە ئىككى كۈن داۋام قىلغان يىغىن ئاياقلاشقاندا رەھبەرلەر ئورتاق مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن. ئابدۇللاھ گۈل يىغىننىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۇچرىشىشى بۆلۈمىدە مىنىستىرلارنىڭ ئۆز - ئارا تۈرك تىلىدا سۆزلەشكەنلىكىنى، بۇ ئەھۋالدىن تولىمۇ مەمنۇن بولغانلىقىنى، بۇندىن كېيىن بۇ خىل ئۇچرىشىشنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.