6 كۈن داۋاملاشقان مەزكۇر خەلقئارالىق قۇرۇلتاي تۆت يىلدا بىر قېتىم ئېچىلىش بەلگىلەنگەن بولۇپ، بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاي 11 - ئەسىردە ئۆتكەن بۈيۈك ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇت قەشقەرىنىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقىغا بېغىشلانغان شۇنىڭدەك ب د ت پەن - مائارىپ ئورنىنىڭ 2008 - يىلىنى مەھمۇت قەشقەرى يىلى قىلىپ بېكىتىشىدىن ئىلھام ئېلىنغان.
6 - قېتىملىق تۈرك تىلى قۇرۇلتىيىغا 34 دۆلەتتىن كەلگەن 478 مۇتەخەسسىس قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تۈركىي تىللار ۋە مەدەنىيىتى جۈملىدىن مەھمۇت قەشقەرىنىڭ "تۈركىي تىللار دىۋانى" ناملىق ئەسىرىگە مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل مەزمۇندىكى ماقالىلىرىنى ئوقۇپ ئۆتكەن.
2008 - يىلىنىڭ مەھمۇت قەشقەرى يىلى قىلىپ بېكىتىلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن ھازىرغىچە تۈركىيىدىكى ھاجى تەپپە ئۇنىۋېرسىتېتى، رىزا ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات ئورۇنلىرى ھەم جەمئىيەتلىرى تۈرلۈك خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزگەن ئىدى.
بۇ قېتىمقى يىغىندا ئۇيغۇرلارغىمۇ ئەھمىيەت بېرىلگەن بولۇپ، بېيجىڭ، ئۈرۈمچى، ياپونىيە، تۈركىيىدىن كەلگەن يەتتە نەپەر ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسى ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلى، مەھمۇت قەشقەرى ۋە تۈركىي تىللار دىۋانى ھەققىدىكى ماقالىلىرىنى ئوقۇپ ئۆتكەن.
خەۋەرلەردىن قارىغاندا، 11 - ئايدا تۈركىيىنىڭ مەزكۇر ئورگىنى بىلەن بېيجىڭدىكى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى. ئۇيغۇر تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتى بىرلىكتە مەھمۇت قەشقىرىگە بېغىشلانغان مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزمەكچى ئىكەن.
ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى جەمئىيىتىمۇ خەۋەر تارقىتىپ، 2008 - يىلى 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنىنى، يەنى 1933 - 1944 - يىلىدىكى ئىككى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت خاتىرە كۈنىنى، مەھمۇت قەشقەرى يىلىغا بېغىشلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.