رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەخمەت داۋۇت ئوغلى ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى موتتاكى ۋە برازىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېلسو ئامورىم بىلەن كۆرۈشۈشتىن ئىلگىرى ئەنقەرەنىڭ ئىران مەسىلىسىدە خەلقرالىق سۇلھىچىلىكنى تېز باشلايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ رامىزان ئېيىنىڭ ئاخىرلىشىشىدىن كېيىن ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بۇ مەسىلىدە سۆھبەتلىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىيە ۋە برازىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى دىپلوماتىك يوللار بىلەن ئىراننىڭ بىلەن غەرب دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى يادرو مەسىلىسىگە ئائىت قارشىلىشىشنى ھەل قىلىشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرىمۇ ئۆزلىرىنىڭ بۇ مەسىلىدە ئىران ۋە برازىلىيە بىلەن داۋاملىق مەسلىھەتلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
