تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇت ئوغلۇ جۈمە كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنىڭ 2-دەرىجىلىك كاتىپلىق سەۋىيىسىگە چۈشۈرۈلگەنلىكى ۋە ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان ھەربىي كېلىشىملەرنىڭ توڭلىتىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
داۋۇت ئوغلۇ، تەكشۈرۈش دوكلاتى ب د ت باش كاتىپى بان كىمۇنغا يەتكۈزۈلۈشتىن بۇرۇن، ئۇنىڭ بەزى تەپسىلاتلىرىنىڭ «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىگە ئاشكارىلىنىشى قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
تۈركىيە ئىسرائىلىيىدىن «ماۋا مارمارا ۋەقەسى» سەۋەبلىك ئۆزۈر تىلەشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئىسرائىلىيە ئۆزۈر تىلەشنى رەت قىلغان. ئىسرائىلىيە ۋەقەدە «ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئەسكەرلىرىنىڭ ئۆزىنى قوغداش ھەرىكىتىدىن ئۆزۈر تىلىمەيدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن ئىدى.
دوكلاتنىڭ «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان مەزمۇنىدىن مەلۇم بولۇشىچە، دوكلاتتا ئىسرائىلىيىنىڭ چېكىدىن ئاشۇرۇپ كۈچ قوللانغانلىقى، بىراق ئۇنىڭ گازاغا ماڭغان ياردەم كېمىسىنى توسۇشى قانۇنلۇق ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.