تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى قەشقەرنى زىيارەت قىلدى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەھمەت داۋۇدئوغلۇ پەيشەنبە كۈنى قەشقەردە زىيارەتتە بولدى. ئۇ قەشقەردىكى زىيارىتى داۋامىدا تۈركىيىنىڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىغا ئىگە چىقىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئۇ مۇنداق دېگەن: "تۈركىيە بىر قولىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق ‏- ھوقۇقلىرىنى قوغدايدۇ، يەنە بىر قولىدا خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى داۋام قىلىدۇ. بىز خىتاي بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىش بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغىمۇ ياردەم قولىمىزنى سۇنىمىز."

مەلۇم بولۇشىچە، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇدئوغلۇ باشچىلىقىدىكى ھەيئەت قەشقەردىكى مەھمۇت قەشقىرى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپ مەقبەرىسىنى زىيارەت قىلىپ، دۇئا - تىلاۋەت قىلغان بولۇپ، ئاناتولىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرىدا ئۇنىڭ بۇ زىيارەتتىن ئىنتايىن ھاياجانلانغانلىقىنى ۋە "بىز ھازىر ئەجدادلىرىمىزنىڭ ماكانلىرىنى زىيارەت قىلماقتىمىز" دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئەھمەت داۋۇدئوغلۇ ئۇيغۇر دىيارىنى زىيارەت قىلغان تۇنجى تۈرك تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولۇپ، ئۇ، بۇ زىيارىتىنىڭ سىمۋوللۇق ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ئىگىلىنىشىچە، داۋۇدئوغلۇ قەشقەردىكى زىيارىتىنى ئاياغلاشتۇرۇپ پەيشەنبە كۈنى ئاخشام مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلگەن.