خىتايدا ھۆكۈمەت زىيارىتىدە بولغان مىنىستىرى چاغلايان ئەپەندى زىيارىتىنىڭ ئاخىرقى كۈنى ئۇيغۇر ئېلى پايتەختى ئۈرۈمچىدە زىيارەتتە بولغان ئىدى.
تۈركىيە زامان خەۋەرلەر تورى، مىللىيەت ۋە ھۆرىيەت گېزىتلىرىدە بېرىلگەن خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئۈرۈمچىدىكى خىتاي ئايرودروم بىخەتەرلىك خادىملىرى چاغلايان ئەپەندى ۋە ھەمراھلىرىنى تەكشۈرۈش ئۆتكىلىدىن ئۆتۈشكە مەجبۇرلىغان. مىنىستىر زەفەر چاغلايان ۋە تۈركىيىنىڭ خىتايدىكى باش ئەلچىسى مۇرات ئەسەنلىلەر تەكشۈرۈشنى رەت قىلىپ ئۆچىرەتتىن چىقىپ كەتكەن.
بىر ئازدىن كىيىن، چاغلايان ئەپەندىنى بىلەت تەكشۈرۈش ئورنىغا قايتا كەلگەندە، خىتاي ساقچىلىرى ئۇنى يەنە تەكشۈرمەكچى بولغان. نەتىجىدە، خىتاي دىپلوماتىيە خادىملىرى بىلەن ساقچىلىرى جېدەللەشكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، دىپلوماتىيە قائىدىلىرى بويىچە، چەتئەل دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرىنى ئايرودروملاردا بۇنداق تەكشۈرۈشكە بولمايدىكەن.
خىتاي ساقچىلىرىنىڭ قىلمىشىدىن ئىنتايىن بىئارام بولغان مىنىستىر زەفەر چاغلايان ئەپەندى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆزىدىن كەچۈرۈم سورىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.