تۈركىيىدىكى يەر تەۋرەشتە ئۆلگەنلەر كۆپەيدى

تۈركىيىنىڭ ۋان ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپىيىپ، يەكشەنبە كۈنى ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنىڭ 596 نەپەرگە يەتكەنلىكى مەلۇم قىلىندى.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2011-10-30
Share

رويتېرسنىڭ يېزىشىچە، قۇتقۇزۇش داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، شەھەرنىڭ بەزى جايلىرىدا ئېلېكتىرلەر ئىشلەشكە كىرىشىپ، بىر قىسىم پۇقرالار ئۆزلىرىنىڭ يېرىم ئۆرۈلگەن ئۆي-ماكانلىرىغا قايتىپ كېلىشكە كىرىشكەن.

بۇ جايدىكى 100 مىڭ ئەتراپىدا تالادا تۇرۇۋاتقان ئادەملەر ئۆيلىرىگە قايتىشقا تەييارلىق قىلماقتا ئىكەن. ۋان ۋە باشقا تەۋرەش يۈز بەرگەن جايدىكى بانكىلار ۋە خىزمەت ئورۇنلىرى ئىشلەشكە كىرىشكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت