رويتېرسنىڭ يېزىشىچە، قۇتقۇزۇش داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، شەھەرنىڭ بەزى جايلىرىدا ئېلېكتىرلەر ئىشلەشكە كىرىشىپ، بىر قىسىم پۇقرالار ئۆزلىرىنىڭ يېرىم ئۆرۈلگەن ئۆي-ماكانلىرىغا قايتىپ كېلىشكە كىرىشكەن.
بۇ جايدىكى 100 مىڭ ئەتراپىدا تالادا تۇرۇۋاتقان ئادەملەر ئۆيلىرىگە قايتىشقا تەييارلىق قىلماقتا ئىكەن. ۋان ۋە باشقا تەۋرەش يۈز بەرگەن جايدىكى بانكىلار ۋە خىزمەت ئورۇنلىرى ئىشلەشكە كىرىشكەن.
