قىرغىزىستاننىڭ ئاكىپرەس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 13 - يانۋار كۈنى ۋان قىرغىزلىرىنىڭ ۋەكىلى قاسىمبەك شاكىر ئوغلى ئەنقەرەگە زىيارەتكە كەلگەن قىرغىزىستان پرېزىدېنتى ئالماسبېك ئاتامبايېف بىلەن كۆرۈشكەندە بۇ تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئۇ سۆزىدە ۋان ۋىلايىتىدىكى قىرغىزلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىكى، بىراق ئۇلارنىڭ قىرغىزىستانغا كۆچۈپ كېتىشىدىكى مەقسەتنىڭ ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ كېلەچىكىدىن ئەنسىرەش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن، يەنى دېمەكچى بولغىنى ئۇلارنىڭ ئۆز ئانا تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ئۇنتۇپ، ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كېتىشتىن ئەنسىرىگەن.
ۋان ۋىلايىتىدىكى قىرغىزلار 1992 - يىلى، ئافغانىستانغا تەۋە پامىر تاغلىق رايونىدىن كېلىپ يەرلەشكەن بولۇپ، راخمانقۇل خان بۇ قىرغىزلارنىڭ رەھبىرى ئىدى. تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۇلارنى ئېلىپ كېلىپ ۋان ۋىلايىتىگە ئورۇنلاشتۇرغان. ۋان ۋىلايىتىدە ھازىر 450 قىرغىز ئائىلىسى ياشىماقتا، ئىستانبۇلدا 150 ئائىلە ياشايدۇ، مەزكۇر پامىر قىرغىزلىرى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 55 - 60 - يىللىرىدا ئافغانىستان قاتارلىق جايلارغا كۆچۈپ چىققان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغان كۆپ ياردەملەرنى بەرگەن ۋە ئۇيغۇرلار بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورناتقان ئىدى. ئۆتكەن يىلى يۈزبەرگەن ۋاندىكى قاتتىق يەر تەۋرەشتە قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى ھەم تۈركىيىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ۋان قىرغىزلارغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنى ئەۋەتكەن ئىدى.