تۈركىيە دائىرىلىرى سۈرىيىگە قوللىنىدىغان جازا مۇشۇ بىر نەچچە كۈن ئېلان قىلىدۇ، سۈرىيىگە قوللىنىدىغان جازا بىۋاسىتە سۈرىيە ھۆكۈمىتىگە ۋە سۈرىيىنىڭ ھەربىي، بانكا، ئېنېرگىيە ساھەلىرىگە قارىتىلىدۇ، ھەرگىزمۇ سۈريىە خەلقىگە قارىتىلمايدۇ دەپ جاكارلىدى.
تۈركىيە بۇنىڭدىن بۇرۇن سۈرىنىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى ئىدى. تۈركىيە بىلەن سۈرىيە ئوتتۇرىسىدا سودا ئۈچۈن 9 جايدا چېگرا ئېچىۋېتىلگەن ئىدى. ئىككى تەرەپنىڭ سودا مىقدارى 260 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن ئىدى.
تۈركىيە دىپلوماتىيە مۇتەخەسسىسى سەمىي ئېدىزنىڭ ئېيتىشىچە، سۈرىيە ئۆز خەلقىگە قىرغىنچىلىق قىلىشنى توختاتمىغاندىن كېيىن، تۈركىيە ئۇنىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئۈزدى. تۈركىيە يېقىندا يەنە، سۈرىيىگە قورال ئېلىپ كېتىۋاتقان بىر پاراخوتنى توسۇۋالدى.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، تۈركىيە باش مىنىستىرى تايىپ ئەردوغان سۈرىيىدە قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغاندىن كېيىن، تۈركىيىگە كېلىپ پانالىنىۋاتقان 7 مىڭ نەپەر سۈرىيە مۇساپىرلارلىرىدىن ھال سوراپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، سۈرىيە پرېزىدېنتى ئاساد چوقۇم تەختتىن چۈشۈشى كېرەك دەپ جاكارلىغان.