تۈركىيە پارلامېنتى سۈرىيە قارارىنى ماقۇللىدى

چارشەنبە كۈنى سۈرىيىدىن ئېتىلغان بىر زەمبىرەك تۈركىيىنىڭ سۈرىيە چېگراسىغا يېقىن ئاكچاكالە يېزىسىغا چۈشۈپ، 5 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، تۈركىيە ئارمىيىسىمۇ سۈرىيىدىكى بىر قىسىم نىشانلارغا قايتۇرما زەربە بەردى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تۈركىيە پارلامېنتى يەنە ھۆكۈمەتكە بىر يىل مۇددەت بويىچە سۈرىيىگە قارشى چېگرا سىرتى ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىش ئىمكانى يارىتىدىغان بىر قارارنامىنى ماقۇللىدى.

تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۈگۈن بەرگەن باياناتىدا، تۈركىيىنىڭ سۈرىيىنى بۇ جەھەتتە نۇرغۇن قېتىم ئاگاھلاندۇرۇشىغا قارىماي بۇ خىل ھۇجۇملارنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ «ئاكچاكالەدىكى ۋەقەنى ئادەتتىكى بىر ۋەقە دەپ قاراشقا بولمايدۇ. بىزنىڭ نىيىتىمىز ھەرگىز قوشنا دۆلەت سۈرىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئەمەس، لېكىن سۈرىيىنىڭ پوزىتسىيىسى بىزنى كېرەكلىك تەدبىرلەرنى ئېلىشقا مەجبۇرلىدى» دېدى.

ئامېرىكا بۈگۈن تۈركىيىنىڭ ھەرىكىتىنى قوللايدىغانلىقىنى ۋە ئۆزىنىڭ تۈركىيىنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى نۇلان بۇ ۋەقەنىڭ تۈركىيىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا قىلىنغان دەخلى تەرز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، تۈركىيىنىڭ ۋەقەگە قايتۇرغان ئىنكاسىنى «ئورۇنلۇق ۋە ئۆلچەملىك» دەپ باھالىدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى خۇڭ لېي بولسا تۈركىيە ۋە سۈرىيىنى بىر - بىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى. ۋەقەدىن كېيىن تۈركىيىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى جىددىي يىغىن چاقىردى. يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، سۈرىيىنىڭ بۇ ھەرىكىتى خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ دەپ كۆرسىتىلدى ۋە سۈرىيىنى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرگە قاراتقان ھۇجۇمنى دەرھال توختىتىش ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى.