تۈركىيە سۈرىيىنىڭ يولۇچىلار ئايروپىلانىنى ئەنقەرەگە مەجبۇرىي قوندۇردى

تۈركىيە دائىرىلىرى چارشەنبە كۈنى موسكۋادىن سۈرىيە پايتەختى دەمەشىققە ئۇچقان سۈرىيىنىڭ يولۇچىلار ئايروپىلانىنى، ئايروپىلانىدا قورال بار دېگەن گۇمان بىلەن ئەنقەرەگە مەجبۇرىي قوندۇردى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ چارشەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، ئايروپىلاندىكى خەلقئارا ئاۋىئاتسىيە قائىدىلىرىگە خىلاپ بۇيۇملارنىڭ مۇسادىرە قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

سۈرىيىنىڭ 30 ئادەم ئولتۇرغان يولۇچىلار ئايروپىلانىدا 17 نەپەر رۇسىيىلىك يولۇچى بار بولۇپ، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پەيشەنبە كۈنى ئەتىگەن بايانات بېرىپ، تۈركىيىنىڭ بۇ قىلمىشى ئايروپىلاندىكى رۇسىيە پۇقرالىرىغا تەھدىت ئېلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ھەم ئەنقەرەدىن ئايروپىلاننى مەجبۇرىي قوندۇرۇشنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.

تۈركىيە تېلېۋىزىيىسى قاتارلىقلارنىڭ بۈگۈنكى خەۋەرلىرىدە، سۈرىيە يولۇچىلار ئايروپىلانىدىن مۇسادىرە قىلىنغان بۇيۇملار ئىچىدە، باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان زاپچاسلار بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ئۆتكەن ھەپتە تۈركىيە چېگراسى ئىچىدىكى 5 نەپەر تۈرك پۇقراسى سۈرىيە تەرەپ ئاتقان زەمبىرەك ئوقىدا ئۆلگەندىن كېيىن، تۈركىيە-سۈرىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت جىددىيلەشكەن ئىدى.