تۈركىيە پرېزىدېنتى ئابدۇللا گۇل تاجىكىستاننى زىيارەت قىلدى

تۈركىيە پرېزىدېنتى ئابدۇللا گۈل 28 - ماي كۈنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي قوشنىسى تاجىكىستانغا يېتىپ كېلىپ ئۇ يەردە ئۈچ كۈن زىيارەتتە بولدى. ئۇ دۈشەنبە شەھىرىدە تاجىك پرېزىدېنتى ئەمام ئەلى راخمان بىلەن تۈركىيە - تاجىكىستان ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى.

پەرغانە ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، 29 - ماي كۈنى تۈركىيە پرېزىدېنتى ئابدۇللا گۈل بىلەن ئېمان ئەلى راخمان بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇنىڭدا تۈركىيە بىلەن تاجىكىستاننىڭ سىياسىي - ئىقتىسادى، سودا ۋە تېخنولوگىيە قاتارلىق كۆپ ساھەلەر بويىچە ھەمكارلىشىدىغانلىقى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىككى پرېزىدېنت يەنە مەركىزىي ئاسىيا رايونىدىكى تېررورچىلىق، دىنىي رادىكالىزم ۋە زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى ئورتاق كۈرەش قىلىش مەسىلىلىرىنىمۇ مۇزاكىرە قىلغان بولۇپ، ئۇلار بۇ ساھەدىمۇ ھەمكارلىشىشقا كېلىشكەن.

پەرغانە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئابدۇللا گۈل 2008 - يىلى تۈركىيە بىلەن تاجىكىستاننىڭ سودا قىممىتىنىڭ 500 مىليون دوللارغا يەتكەنلىكى، بۇنىڭدىن كېيىن سودا مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش لازىملىقىنى كۆرسەتكەن شۇنىڭدەك تۈركىيىنىڭ تاجىكىستاننىڭ سۇ زاپىسىنىڭ موللىقىنى نەزەرگە ئېلىپ، ئۇنىڭ تۈرلۈك سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىنى قۇرۇشىغا قاتنىشىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

نۆۋەتتە، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ تاجىكىستاننىڭ سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىنى قۇرۇش ئىشلىرىنى ھۆددىگە ئېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر مەۋجۇت بولۇپ، تاجىكىستان كۆپ جەھەتلەردىن قۇرۇلۇش قىلىشقا مۇھتاج بولماقتا.

29 - ماي كۈنى ئابدۇللا گۈل بىلەن ئەمام ئەلى راخمان تاجىكىستان - تۈركىيە سودا مۇھاكىمىسىگە قاتناشقان بولۇپ، بۇ پائالىيەتكە تۈركىيىنىڭ 100 دىن ئارتۇق چوڭ كارخانا ۋە سودا خوجايىنلىرى كېلىپ قاتناشقان. 30 - ماي كۈنى بولسا ئابدۇللا گۈل تاجىكىستان پارلامېنت رەئىسى ۋە باش مىنىستىرى بىلەن ئۇچراشقان.

شاڭخەي گۇرۇھىدىكى تاجىكىستان خىتاينىڭ ئىتتىپاقچىسى بولۇپ، ئىككى دۆلەت تېررورچىلىق قارشى تۇرۇش نامى ئاستىدا بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈپلا قالماستىن، بەلكى ئۇيغۇر ئېلى بىلەن تاجىكىستان ئارىسىدىكى سودىنىڭ كۈچىيىشىگىمۇ ئەھمىيەت بەرگەن.

تاجىكىستان يەنە بىر تەرەپتىن ئىران ۋە ئافغانىستان بىلەن پارىس تىللىرىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر سۈپىتىدە قويۇق ھەمكارلىقلاردا بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن رۇسىيە بىلەنمۇ زىچ ھەمكارلاشماقتا. چۈنكى، تاجىكىستان ئاھالىسىنىڭ 4/1 قىسىمىنىڭ رۇسىيىدە تىرىكچىلىق قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.