تۈركىيە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى ۋەكىللىرى ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلدى

تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان پائالىيەتلىرىنى ئىزچىل تۈردە ئاكتىپ قوللاپ كېلىۋاتقان پارتىيە - گۇرۇھلارنىڭ بىرى بولغان مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىنىڭ بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلىپ، ئۈرۈمچى دائىرىلىرى بىلەن سۆھبەتتە بولغان.

خىتاينىڭ تەڭرىتاغ تورىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى ئىلدىرىم تۈركەش باشچىلىقىدىكى مەزكۇر ھەيئەت 23 - دېكابىر كۈنى ئاخشىمى ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كوممۇنىستىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى خەنيوڭ بىلەن كۆرۈشكەن. خەنيوڭ تۈركىيە ۋەكىللىرىگە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرغاندا ئىسلاھات باشلانغان 30 يىل ئىچىدە، بولۇپمۇ ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن بېيجىڭدا ئېچىلغان مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمەت يىغىنىدىن كېيىن زور ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولغانلىقى، ئىقتىساد گۈللىنىپ، خەلقنىڭ خوشال - خۇرام ۋە خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.

پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى خەنيوڭ سۆزىدە يەنە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خىتاي بىلەن تۈركىيە ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەردە كۆۋرۈكلۈك ۋە بەلۋاغلىق رول ئويناۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

مەلۇمكى، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئەسلىدە ھېچقاچان تۈركلەر بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئېتنىك - تۇغقانچىلىق ۋە كۆۋرۈكلۈك مۇناسىۋەتلىرىنى ئېتىراپ قىلمىغان بولۇپ، بۇ نۇقتىنى تەكىتلىگەنلەر پانتۈركىزم قىلمىشى بىلەن ئەيىبلەنگەن ئىدى. 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدە تۈركىيە باش مىنىستىرى تايىپ ئەردوغاننىڭ خىتاينى قاتتىق ئەيىبلىشىدىن كېيىن باشلانغان تۈركىيە - خىتاي يېڭى مۇناسىۋەتلىرىدە تۈركىيە تەرەپ ئىزچىل تۈردە ئۇيغۇرلار بىلەن تۈركلەرنىڭ ئېتنىك تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدىكى كۆۋرۈكلۈك رولىنى تەكىتلىگەن ھەمدە خىتاي تەرەپمۇ بۇ نۇقتىنى ئېتىراپ قىلغان ئىدى.

19 - دېكابىر كۈنى خىتايغا كەلگەن مەزكۇر تۈركىيە زىيارەت ۋە تەكشۈرۈش ئۆمىكى

23 - دېكابىردىن 27 - دېكابىرغىچە ئۇيغۇر ئەلىدە زىيارەت ۋە تەكشۈرۈشلەردە بولىدىكەن.