تۈركىيە ۋاسكېتبول كوماندىسى خىتاي كوماندىسىنى زور پەرق بىلەن يەڭدى

تۈركىيە ۋاسكېتبول كوماندىسى خىتاي كوماندىسىنى زور پەرق بىلەن يەڭدى. دۇنيا ۋاسكېتبول چېمپىيونلۇقىنى تالىشىش مۇسابىقىسى س گۇرۇپپىسى بويىچە تۈركىيە ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن خىتاي كوماندىسى مۇسابىقىگە چۈشكەن بولۇپ، پەيشەنبە كۈنى كەچتە تۈركىيىنىڭ ئەنقەرە شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلغان مۇسابىقىدە تۈركىيە ۋاسكېتبول كوماندىسى 40 قا قارشى 87 نەتىجە بىلەن خىتاي كوماندىسىنى يېڭىۋالدى.

تۈرك كوماندىسىنىڭ خىتايلارنى بىر ھەسسىدىن ئارتۇق پەرق بىلەن يېڭىۋېلىشى تۈركلەرنى قاتتىق ھاياجانغا سالدى. تۈرك مەتبۇئاتلىرى بۇ ھەقتىكى باش سەھىپىلىرىدە "12 گىگانت ئادەم خىتاينى ئەزدى" ، "خىتاينى ئىككى قاتلىۋەتتۇق" قاتارلىق تېمىلار بىلەن غالىبىيىتىنى ئېلان قىلدى.

قىزىقارلىق بولغىنى، مۇشۇنداق مۇھىم بىر مۇسابىقە نەتىجىسى خىتاينىڭ ھېچقانداق مەتبۇئاتىدا خەۋەر قىلىنمىغان. ئەمما، خىتاينىڭ شىنخۇا تورىدا خىتاينىڭ تۈنۈگۈن رۇسىيە كوماندىسى بىلەن چۈشكەن مۇسابىقىدە 89 غا قارشى 80 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇۋەتكەنلىكى خەۋەر قىلىنغان.