تۈركىيە ئاخشام گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، قىلىچدارئوغلىنىڭ خىتاي دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن رەسمىي ئۇچرىشىشى ئەتە باشلىنىدۇ. مەلۇم بولۇشىچە، قىلىچدارئوغلىنىڭ120 كىشىلىك زىيارەت ئۆمىكى 40 نەپەر ئاخباراتچى، 60 نەپەر سودا- سانائەتچى ۋە 20 نەپەر سىياسەت ۋە مۇلازىمەت ساھەسىنىڭ كىشىلىرىدىن تەركىب تاپقان. قىلىچدارئوغلىنىڭ خىتاي زىيارىتى 6 كۈن داۋام قىلىدۇ. ئۇ بۇ جەرياندا بېيجىڭ، شاڭخەي ۋە ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلىدۇ.
مەلۇم بولۇشىچە، قىلىچدارئوغلىنىڭ شاڭخەي ۋە بېيجىڭدىكى زىيارەت ئوبيېكتى ئاساسلىق پەن-تېخنىكا ساھەسى بولىدۇ؛ ئەمما ئۇنىڭ ئۈرۈمچىگە بارغاندا قايسى جايلارنى كۆزدىن كەچۈرىدىغانلىقى ۋە دائىرىلەر بىلەن قايسى تېمىلاردا سوز قىلىدىغانلىقى زىيارەتنىڭ نازۇك نۇقتىسى بولۇپ، بۇ ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.