تۈركىيە بىلەن خىتاي شىركەتلىرى ئىختىلاپنى قايرىپ قويۇپ 1 مىليارد 380 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق كېلىشىم ئىمزالاشقا كېلىشتى

«خەلقئارا ئاۋانگارت» گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭ تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردوغان بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن مۇخبىرلار يىغىنىغا چىقمىغان.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ دۆلەت رەئىسى بولۇشنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان شى جىنپىڭ تۈركىيىنى زىيارەت قىلغاندا، گەرچە خىتاي بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا ئىمپورت-ئېكسپورت پەرقى ناھايىتى چوڭ بولغانلىقى، خۇددى تۈركىيە ئىقتىساد مىنىستىرى چاغلايان بايان قىلغاندەك، خىتايدىن تۈركىيىگە 21 مىليارد 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق مال كىرگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي تۈركىيىدىن ئاران 2 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق مال كىرگۈزگەنلىكى؛ سۈرىيە مەسىلىسىدە تۈركىيە خەلقئاراغا، سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقنى باستۇرۇشىغا سۈكۈت قىلماسلىق كېرەك، دەپ جاكارلاپ كېلىۋاتقانلىقى، ئەمما خىتاي بولسا سۈرىيىنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشماسلىق كېرەك دەپ جاكارلاپ كېلىۋاتقانلىقى؛ ئۇيغۇرلار شى جىنپىڭغا قارشى نامايىش قىلىپ، خىتاينىڭ دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرگەنلىكى، شى جىنپىڭ بولسا تۈركىيىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قارشى ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىدەك ئىختىلاپلاردا ھېچقانداق مۇرەسسە بولمىغان بولسىمۇ، ئەمما تۈركىيە بىلەن خىتاي شىركەتلىرى يەنىلا ئىختىلاپلارنى قايرىپ قويۇپ، 1 مىليارد 380 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق كېلىشىم ئىمزالاشقا كېلىشتى.