تۈركىيە خىتاي بىلەن ئۈرۈمچىدە تۈركىيە سانائەت باغچىسى قۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىدى

چارشەنبە كۈنى تۈركىيە سودا ئىدارىسى سودا كېلىشىم مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇلى ھۈسنۈ دىلەمرە باشچىلىقىدىكى تۈركىيە سودا ئۆمىكى بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سودا نازارىتىنىڭ نازىرى خې يىمىڭ، تۈركىيە سودا ئىدارىسىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا سانائەت باغچىسى قۇرۇش پىلانىغا مۇناسىۋەتلىك بىر كېلىشىم ئىمزالىدى.

كېلىشىمنىڭ تۈرك سانائەت باغچىسىنىڭ قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئىككى تەرەپ بىرلەشمە خىزمەت گۇرۇپپىسى تەشكىللەشكە ئالاقىدار ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

كېلىشىم ئىمزالىنىشتىن بۇرۇن تۈركىيە سودا ئۆمىكى بېيجىڭنى زىيارەت قىلىپ، خىتاي تەرەپ بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ يىپەك يولى تۆمۈر يولى، قۇرۇلۇش ئىنشائات ساھەسىدىكى ھەمكارلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغان.

تۈركىيىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا سانائەت باغچىسى قۇرۇش پىلانى 5‏-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈرك-خىتاي سودا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش پىلانىنىڭ بىر قىسمى.

تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 5-ئىيۇل ۋەقەسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلەپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى جاكارلىغان ۋە بۇ مەسىلىنى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.

شۇنىڭدىن كېيىن خىتاي تۈركىيىگە ئارقا-ئارقىدىن ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتىپ، سودا-ئىقتىسادى، مەدەنىيەت ۋە دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشكە كىرىشكەن.

خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ 2010‏-يىلى 10-ئايدا تۈركىيىنى زىيارەت قىلغاندا تۈركىيىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا سانائەت باغچىسى قۇرۇشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.