مەلۇم بولۇشىچە، ئەلچىخانىنىڭ بۇ ھەقتە ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكەتلىرى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ئاتالمىش ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنى ئېلىشقا قىزىقتۇرىدىغان ئۇقتۇرۇش ۋە ئانكىتلارنى تارقىتىش، يىغىنغا دەۋەت قىلىش ۋە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەتەندىكى ئائىلە-تاۋاباتلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش قاتارلىق قىزىقتۇرۇش ۋە تەھدىت سېلىش شەكلىدە داۋام قىلماقتا.
مۇخبىرىمىزنىڭ ئىگىلىشىچە، ھازىرغا قەدەر خىتاينىڭ ئوقۇش مۇكاپاتى تارقىتىش توغرىسىدىكى يىغىنغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بارلىقى تېخى بايقالمىغان.
ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن ئەلچىخانا خادىملىرى بىر تەرەپتىن بىر قىسىم مەكتەپ رەھبەرلىرى بىلەن سۆزلىشىپ ئۇلارنىڭ ھەمكارلىشىشىنى تەلەپ قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن بەزى ئوقۇغۇچىلارغا نامەلۇم كىشىلەر ئارقىلىق تېلېفون قىلىپ، ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنى قوبۇل قىلىش ھەققىدە پسىخىك جەھەتتىن بېسىم ئىشلەتكەن.
نۆۋەتتە تۈركىيىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئەلچىخانىدىن بېرىلىدىغان بۇ مۇكاپات پۇلىدىن ئۆزىنى تارتىۋاتقانلىقى مەلۇم. مەلۇم بولۇشىچە، تۈركىيىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئاساسەن شەخسىي خىراجىتى بىلەن، تۈركىيە ھۆكۈمىتى ياكى تۈرك ۋە ئۇيغۇر فوند جەمئىيەتلىرىنىڭ ياردىمىدە ئوقۇۋاتقانلاردۇر.
ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ چەتئەلدە ئىلىم تەھسىل قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ كېلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىردىنلا ئوقۇش مۇكاپات پۇلى تارقىتىشقا ئۆتۈشتەك كۈتۈلمىگەن مەرھەمىتى، چەتئەلدە ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىيالمىدى.