تۈركىيە بىلەن خىتاي ئۈرۈمچىدە سانائەت بازىسى قۇرۇش كېلىشىم رامكىسى ئىمزالىدى

تۈركىيە بىلەن خىتاي پەيشەنبە كۈنى باشلانغان «ياۋرو-ئاسىيا يەرمەنكىسى» نىڭ تۇنجى كۈنى ئۈرۈمچىدە يېڭى سانائەت بازىسى قۇرۇش ھەققىدىكى كېلىشىم رامكىسىغا ئىمزا قويغان.

لېكىن بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە سانائەت بازىسىدا ئىشلەيدىغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ قانداق قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى، شېرىكچىلىك ھوقۇقىغا دائىر دائىر تەپسىلاتلار تىلغا ئېلىنمىغان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۈرۈمچى ئىقتىسادى ۋە تېخنولوگىيە تەرەققىيات زونىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شۆجىخەي، تۈركىيە سانائەت بازىسى ئىككى تەرەپنىڭ شېرىكچىلىكىدە مەزكۇر ئىقتىسادى-تېخنىلوگىيە تەرەققىيات زونىغا قۇرۇلىدىغانلىقى بىلدۈرگەن.

شۆ جىخەينىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، تۈركىيە تەرەپ سانائەت بازىسىدا توقۇلما بۇيۇملىرىنى، كىيىم-كېچەك، يېمەك-ئىچمەك ۋە يېڭى ھەم يۇقىرى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىپ، بازارغا سالىدىكەن.

كۆزەتكۈچىلەر ئۈرۈمچىدە تۈركىيە سانائەت بازىسىنىڭ قۇرۇلۇشى ئىككى دۆلەتنىڭ «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن باشلانغان مۇناسىۋەتتىكى يېقىنلىشىشىنىڭ يەنە بىر ئۆرنىكى، دەپ كۆرسەتمەكتە.

تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» دە ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېلىپ بارغان ھەرىكىتىنى «ئىرقىي تازىلاش» دەپ ئەيىبلىگەن. لېكىن شۇنىڭدىن كېيىن خىتاي-تۈركىيە مۇناسىۋىتى دراماتىك ئۆزگىرىش ياساپ، ئىككى تەرەپنىڭ تۈرلۈك ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى كېڭىيىشكە باشلىغان.

تۈركىيە بىلەن خىتاي بىرلەشمە ھاۋا ئارمىيە مانېۋىرى ئېلىپ بارغان شۇنداقلا خىتاي تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇت ئوغلۇنىڭ قەشقەرنى زىيارەت قىلىشىغا يول قويغان ئىدى.