داۋۇدئوغلۇ: تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى تارىخنىڭ بىزنى ئۇيغۇرلاردىن ئايرىۋەتكەن نۇقتىسىدا قايتا بىرلەشتۈرۈدۇ

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى داۋۇدئوغلۇ تۈنۈگۈن قەشقەرنى زىيارەت قىلىپ، خىتاي - تۈركىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ جۈمە كۈنى مەزكۇر زىيارەت ھەققىدە بەرگەن خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، داۋۇدئوغلۇ قەشقەردە بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەپ، "ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ تەرەققى قىلىشى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنى راھەتلەندۈرۈدۇ. بىزنىڭ ئۇلار بىلەن ئەركىن قۇچاقلىشىشىمىزنى، تارىخنىڭ بىزنى ئايرىۋەتكەن نۇقتىسىدىن قايتا بىرلىشىشىمىزنى تەمىن ئېتىدۇ" دېگەن.

جۈمە كۈنى تۈركىيىدىكى ئەڭ چوڭ گېزىتلەردىن بىرى بولغان "مىللىيەت " گېزىتىنىڭ ستون يازغۇچىلىرىدىن سامى كوھېن داۋۇدئوغلۇنىڭ قەشقەر زىيارىتى ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭ بۇ زىيارەت ئارقىلىق بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ خاتىرجەم ياشىشىغا ياردەمچى بولۇپ، ئۇلار بىلەن بولغان تارىخىي ۋە مەدەنىيەت رىشتىسىنى داۋاملاشتۇرۇدىغانلىقى، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي ھۆكۈمىتىگە جۇڭگونىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خىتايدىن ئايرىلىشىنى قوللىمايدىغانلىقى، لېكىن ئۇيغۇرلارنىڭ خاتىرجەم ياشىشىغا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى يەتكۈزمەكچى بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە 2009‏ - يىلى يۈز بەرگەن "5‏ - ئىيۇل ۋەقەسى"گە ناھايىتى قاتتىق ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاينى ئۇيغۇرلارغا "ئىرقىي قىرغىنچىلىق" ئېلىپ بېرىش بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى. سامى كوھېننىڭ ئەسكەرتىشىچە، ۋەقەدىن كېيىن تۈركىيە ھۆكۈمىتى خىتاي - تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈش ئارقىلىق "شىنجاڭ ۋەقەسى"گە تۇتقان پوزىتسىيىسى ۋە ئۇسلۇبىنى ئۆزگەرتكەن. سامى كوھېن، تۈرك ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىن ئىبارەت تۈركىيە تاشقى سىياسىتىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان بىر دۆلەت بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۆزدىن ساقىت قىلالمايدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىشكە پەقەت خىتاي بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت قۇرۇش ئارقىلىقلا ياردەم قىلالايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن، دەيدۇ.

داۋۇدئوغلۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى زىيارىتى 2 كۈن داۋام قىلغان ئىدى. ئۇ پەيشەنبە كۈنى قەشقەر زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن ئۈرۈمچىگە بارغان ۋە جۈمە كۈنى ئۈرۈمچى بەيتۇللا مەسچىتىدە جامائەت بىلەن جۈمە نامىزى ئوقۇغان ھەم جىنازە نامىزىغا قاتناشقان.