مەلۇم بولۇشىچە، ئايروپىلان بېيجىڭغا قونغاندىن كېيىن مۇھاپىزەتچىلەرنىڭ قوراللىرى قاچىلانغان ئاپتوموبىل دەرھال يېتىپ كەلمىگەن. بۇنىڭ بىلەن مۇھاپىزەتچىلەر خىتاي ۋەزىپىدارلارغا ئۆز قوراللىرى قولىغا تەگمەي تۇرۇپ ئەردوغاننىڭ ئايروپىلاندىن چۈشمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە ئەردوغان ئايروپىلاندا يېرىم سائەتتىن ئارتۇق ساقلىغان.
ۋەقەگە ئالاقىدار ۋىدىيو خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئارىدا تۈرك مۇھاپىزەتچىلەر بىلەن خىتاي ۋەزىپىدارلار ئارىسىدا قوپال شەكىلدە تالاش-تارتىش يۈز بەرگەن. تۈرك مۇھاپىزەتچىلەر قوراللىرىنى قولىغا ئالغاندىن كېيىنلا، رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئايروپىلاندىن چۈشكەن. تۈرك مۇھاپىزەتچىلەر، دەتالاشنىڭ يۈز بېرىشىگە خىتاي تەرەپنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.