تۈركىيىدە ئۆتكۈزىدىغان ئالىي دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشىغا ئىران پرېزىدېنتى ئەخمەدى نىجادمۇ قاتنىشىدىغان بولدى

تۈركىيە دائىرىلىرى شەنبە كۈنى، كېلەر سەيشەنبە كۈنى تۈركىيىدە ئۆتكۈزىدىغان ئالىي دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشىغا ئىران پرېزىدېنتى ئەخمەدى نىجادنىڭمۇ قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سەيشەنبە كۈنى تۈركىيىدە چاقىرىلىدىغان، ئاسىيادا ئۆز - ئارا ئالاقە ۋە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش قۇرۇلتىيىغا، رۇسىيە باش مىنىستىرى ۋىلادىمىر پۇتىن، ئافغان پرېزىدېنتى ھامىت كارزاي، ئەزەربەيجان پرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيىۋ ۋە پەلەستىن پرېزىدېنتى مەھمۇت ئابباس قاتارلىقلار قاتنىشىدىكەن.

يىغىننىڭ ئاساسىي مەقسىتى، رايون بىخەتەرلىكى ۋە دۆلەتلەر ئارا ئىشەنچنى كۈچەيتىش ئىكەن. يىغىنغا تۈركىيە پرېزىدېنتى ئابدۇللاھ گۈل رىياسەتچىلىك قىلىدىكەن. يىغىندا يەنە، يادرو قوراللىرىنى قىسقارتىش، مەزكۇر رايوندا تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى بارلىققا كەلتۈرىدىغان ئامال - چارىلەر ئۈستىدە مەنزىرىلەر ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

ئاسىيادا ئۆز - ئارا ئالاقە ۋە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش قۇرۇلتىيى 2002 - يىلى قازاقىستاننىڭ تەكلىپى بىلەن قۇرۇلغان. ھازىر بۇ تەشكىلاتقا 20 دۆلەت ئەزا. تەشكىلات رەئىسلىكىنى بۇ يىل تۈركىيە ئۆتكۈزۈۋېلىپ 2012 - يىلىغىچە ۋەزىپە ئۆتەيدۇ. مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر تەشكىلاتقا يەنە، ئىراق ۋە ۋيېتناممۇ ئەزا بولۇپ كىرگەن.