تۈركىيىدە ۋېن جياباۋنىڭ ئۆتەر يولىدا پەيدا بولغان 'بىر قوراللىق كىشى' ئالاقزادىلىك پەيدا قىلدى

تۈركىيىنىڭ ھۆرىيەت گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۈگۈن تۈركىيىدە زىيارەتتە بولىۋاتقان خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋنىڭ ئۆتەر يولىدا بىر قوراللىق كىشىنىڭ پەيدا بولۇشى ۋېن جياباۋنىڭ بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل ساقچى خادىملىرى ئارىسىدا جىددىيلىك پەيدا قىلغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2010.10.08
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

بۈگۈن چۈشتىن كېيىن تۈركىيە ۋاقتى سائەت 4 ئەتراپىدا تۈرك ساقچىلىرى ، نامەلۇم بىر كىشىنىڭ بىر دۇربۇنلۇق قارىغا ئېلىش مىلتىقى بىلەن بىر كىچىك تىپتىكى ئاپتوبۇسقا چىققانلىقى ۋە ۋېن جياباۋنىڭ زىيارەت يولى تەۋەلىكىگە يۈرۈپ كەتكەنلىكى ھەققىدە پاش قىلىش تېلېفونى تاپشۇرۇۋالغان.

جىددىي ھەرىكەتكە كەلگەن ساقچىلار، ئىستانبۇل شەھىرىنىڭ مەرتەر دېگەن جايىدىكى تاشيولدا مەزكۇر مىنىبۇسنى توختۇتۇپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. تەكشۈرۈشتە، مىنىبۇستا راستىنلا دۇربۇن بېكىتىلگەن بىر مىلتىقنىڭ بارلىقى بايقالغان ۋە مىنىبۇس شوپۇرى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ كېتىلگەن.

شوپۇر بۇ مىلتىقنىڭ تىزىملىتىلغان مىلتىق ئىكەنلىكى ۋە مىلتىقنى ئۆيگە قويۇپ قويۇشقا خاتىرجەم بولالماي يېنىغا ئېلىۋالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. گۇماندار تەكشۈرۈشتىن كېيىن قويۇۋېتىلگەن. ئەمما خەۋەردە گۇماندارنىڭ كىملىك ئۇچۇرى ۋە تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ مەزكۇر گۇماننى مۇەييەنلەشتۈرۈپ - مۇەييەنلەشتۈرمەيدىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.