بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا تۈركىيە دوگان ئاگېنتلىقى خەۋەرلەردىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، يەكشەنبە كۈنى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئېلىپ بارغان ئۇيغۇرلار " ئاللاھۇ ئەكبەر" دەپ تەكبىر ئېيتىپ، ئەلچىخانا ئالدىدىكى تۈرۈك ساقچىلارنىڭ توسۇقلىرىدىن ئۆتۈپ خىتاي ئەلچىخانىسى دەرۋازىسىغا ئېتىلغان.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، نامايىشچىلار خىتاي بايرىقىغا ئوت قويغان ھەمدە ساقچىلار بىلەن ئازراق توقۇنۇشقان بولسىمۇ، ئەمما تۇركىيە ساقچىلىرى ئۇيغۇر نامايىشچىلارنىڭ خىتاي ئەلچىخانا دەرۋازىسىغا قارا گۈل چەمبىرەك قويۇشىغا يول قويغان.
5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى نامايىشى قانلىق باستۇرۇلغان ھەمدە نەچچە مىڭ ئادەم قولغا ئېلىنغاندىن كىيىن، تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر نامايىشچىلار ئۇستىدىن يۈرگۈزگەن يولسىز قىلمىشلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن ۋە ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى دەرھال توختىتىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.